Uyghur←Chinese主要词典
قان بېسىمى
بىئولوگىيە
血压
xuèyā
قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇرى دىۋارىغا تەسىر قىلىدىغان بېسىمدىن ئىبارەت. قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىق دەرىجىسى قان بېسىمىنىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىدىن يۇقىرى بولغان سان قىممىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ ئادەتتە مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى (mmHg) بىرلىك قىلىنىدۇ. قان بېسىمىنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسەن يۈرەك چىقارغان قان مىقدارى ۋە سىرتقى ئەتراپ قان تومۇرلىرىنىڭ قارشىلىق كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يۈرەك قىسقارغاندا بەلگىلىك مىقداردا قان چىقىرىپ قان بېسىمى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ. بۇ قىسقىراش بېسىمى دېيىلىدۇ؛ يۈرەك كېڭەيگەندە قان ئېقىپ چىقمايدۇ؛ بۇ چاغدىكى قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن قىممەتكە يېتىدۇ، بۇ كېڭىيىش بېسىمى دېيىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى قان تومۇرلاردا ئاقما ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ئەتراپىدىكى قارشىلىق كۈچلەرنى يېڭىشكە توغرا كېلىپ قان بېسىمى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئارتېرىيە بېسىمى، كاپىلليار قان تومۇرلار بېسىمى ۋە ۋېنا بېسىمى دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئائورتا تومۇرى يۈرەككە يېقىن بولۇپ، قان بېسىمى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا كاپىلليار قان تومۇرى، ۋېنانىڭ قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. كاۋاك ۋېناسى يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا كىرگەندە قان بېسىمى ئاتموسفېرا بېسىمىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا قان سۇيۇقلۇقى ئارتېرىيىنى بويلاپ كاپىلليار قان تومۇرلىرىدىن ئۆتۈپ ۋېناغا بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ يۇقىرى بېسىمدىن تۆۋەن بېسىمغا قاراپ ئېقىپ يۈرەككە قايتىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمى ئادەتتە بىلەك ئارتېرىيىسىدىن ئۆلچەنگەن ئارتېرىيە قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. يېتىلگەن ئادەمنىڭ نورمال قان بېسىمىنىڭ قىسقىراش بېسىمى mmHg140 - 90، كېڭىيىش بېسىمى mmHg90 - 06 بولىدۇ. ئەگەر بۇ دائىرىدىن داۋاملىشىش خاراكتېرىدە ئېشىپ كەتسە ئۇ چاغدا قان بېسىمى نورماللىقتىن چەتنىگەن بولىدۇ - دە، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدا نۇقسان بارلىقىنىڭ ئىنكاسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، شۇڭا كلىنىكىدا قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش چارىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.
تەنتەربىيە,ئۇنىۋېرسال,تېببىي
血压
xuè yā
ئۇنىۋېرسال
xuè yā
血压