Uyghur←Chinese主要词典
قاناتسىز قۇش
بىئولوگىيە
无翼鸟
wúyìniǎo
<كىۋى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار سىنىپىنىڭ قاناتسىزلار ئەترىتى، قاناتسىز قۇشلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قەدىمكى جانلىقلار باش ئەترىتىدىكى ئەڭ كىچىك بىر تۈر. چوڭلۇقى توخۇغا ئوخشاش. دۈمبە پەيلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك، قورساق تەرىپىدىكىلىرى سۇسراق ھەم قارا قوڭۇر سىزىقلىرى بار. پۇتى قىسقا، تۆت بارماقلىق. ئۈچ بارمىقى ئالدىغا بىر بارمىقى كەينىگە قارايدۇ. قانات ھەم قۇيرۇقلىرى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن. پەيلىرى يۇڭسىمان، توغۇر (قۇيرۇق) پەيلىرى يوق. تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم قورساق تەرىپىگە سەل ئېگىلگەن بولۇپ، شەكلى لايخورەك تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا لايخورەك تۆگە قۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بۇرۇن تۆشۈكى بولىدۇ (قۇشلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۆزگىچە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ). چاتقال ۋە دەرەخلىرى قويۇق بولغان تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ. مېكيىنى دەرەخ يىلتىزلىرىدىكى كامارلارغا 1 - 2 دانە تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمى ئاق، ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆتتىن بىرىگە يېتىپ قۇشلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. خورىزىمۇ تۇخۇم بېسىشقا قاتنىشىدۇ. كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. ئاساسەن لۆم - لۆم قۇرت ۋە ھاشاراتلارنى يەيدۇ، ئوزۇقلۇقىنى پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ تاپىدۇ. شۇڭا پۇراش سېزىمى باشقا قۇشلارنىڭكىدىن سەزگۈر ھېسابلىنىدۇ. ئاۋازى ئىنچىكە پۈشتەك ئاۋازىغا ئوخشاش <kiwi> دەپ چىققاچقا، كىۋى قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.