Uyghur主要词典
قاناتلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قانات چىقارماق، قانات پەيدا قىلماق.
قىزىم قەلبىگۈلنىڭ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشى بىلەن تەڭ، قالغان ساۋاقداشلىرىمۇ قاناتلانغان چۈجىلەردەك چۇۋۇرلىشىپ كەتتى.
قانات قاقماق، ئۇچماق، پەرۋاز قىلماق.
شۇنىڭدىن كېيىن ئەزالار قاناتلانغان بۈركۈتتەك جاسارىتى ئېشىپ - تېشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
كۆچمە. روھلانماق، غەيرەتكە كەلمەك؛ جۇش ئۇرماق.
ئالتۇنخان ئۆزىنىڭ ئىشى ۋە سۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر توغرىلىقىغا كۆڭلى ئىشەنگەنسېرى روھى تېخىمۇ قاناتلىنىپ، ئۆزىنى قۇشتەك يېنىك سېزىپ باراتتى.