Uyghur主要词典
قامىماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىپ، تۈرمىگە تاشلىماق؛ مال - چارۋىنى ئېغىلغا كىرگۈزمەك.
بوشاتماق ، چىقارماق ، قويۇۋەتمەك
مەھبۇسنى تۈرمىدىن ئازاد قىلماق؛ مال - چارۋىنى ئېغىلدىن ھەيدىمەك.
<قاتتىق زەربە بېرىش> تە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قامىدى. ھامۇت مالنى ئېغىلغا سولىدى. قاماق مۇددىتى توشقانلارنى بوشىتىش لازىم. گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىش لازىم. قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ، ئوتلاققا قويۇۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ قاماقخانا، تۈرمە قاتارلىقلارغا سولىماق، قاماققا ئالماق، تۇتقۇن قىلماق.
تۈرمىگە قامىماق.
كۆچمە. تۇتماق، قامال قىلماق.
يۈرەكنى شېرىنلىكى قامىۋالار، ئۆتكەنلەر يېمىسىمۇ قارىۋالار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يورۇقلۇق، نۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ خىرەلەشمەك؛ ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، پەرق ئېتەلمەيدىغان بولۇپ قالماق.
ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزور كۆرۈپ كۆزلىرىم قاماپ كەتتى.
غورا ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە چىش نېرۋىلىرى كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچراش تۈپەيلى چاينىغاندا چىش بىر قىسما بولماق.
ئانىسى غورا يېسە، قىزىنىڭ چىشى قاماپتۇ (ماقال).