Uyghur主要词典
قالدۇق مۈلۈك
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەت ئاتالغۇسى بولۇپ، مىراس بۆلگەندە ۋارىسلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراسى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مىراس مىقدارىنىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ مىراس ئەھكاملىرىغا بولغان ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ۋارىسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال تۇغقان بولسا، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان نېسىۋە مىقدارى ئازراق بولۇپ، مىراسنىڭ كۆپ قىسمى <قالدۇق> بولىدۇ. بۇ قىسىم مىراس ئاتا جەمەت ۋارىسلا ئىچىدە تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇقۇم ۋارىسلىق رېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ: نېسىۋە ۋارىسى ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئاتا جەمەت ۋارىسلار ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.