Uyghur主要词典
قالايمىقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەرتىپسىز، پاتپاراق ھالەت.
بازاردىكى مالىمانغا يانچۇقچى ئامراق. ئەدەبنىڭ گۈللىنىشى - مالىماننىڭ تۈگىشى. قالايمىقان دوست تۇتقاننىڭ ھەقىقىي دوستى بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. رېتى، رېتىمى، تەرتىپى يوق؛ رېتىمسىز، تەرتىپسىز؛ رەتلىك، تەرتىپلىك ئەمەس.
باتۇرنىڭ چىرايى تاتىرىپ، يۈرىكى قالايمىقان سېلىپ كەتتى.
رەۋ. ئۆزى بىلگىنچە؛ كەلسە - كەلمەس، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، خىيالغا كەلگىنىچىلا؛ ھېچبىر پرىنسىپقا، قائىدىگە ئەمەل قىلمىغان ھالدا.
مۇكاپات پۇلىنى قالايمىقان تارقاتماق.
سۈپ. كەلسە - كەلمەس، مەنتىقسىز، يېقىمسىز.
قالايمىقان گەپ قىلماق.
سۈپ. ئىش - ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان، يامان، ناچار، ئەسكى.
ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ <ئولتۇرۇش> تىن باشقىنى بىلمەي، قالايمىقان كىشىلەرگە ئارىلىشىپ يۈرۈشىدىن تولىمۇ نارازى ئىدى.