Uyghur主要词典
قالىڭ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قالىڭ مال.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قالىڭ بېرسە قىز ئالىر كەرەك بولسا قىز ئالىر _ مال بەرسە قىز ئالار، كېرەك بولسا قىممەتكە ئالار. قالىڭ مال بەرسە قىز كېلىن ئالىدۇ، بىر نەرسىگە ئېھتىياجى چۈشكەن ئادەم ئۇ نەرسە زۆرۈر بولغاچقا قىممەت باھادا بولسىمۇ ئالىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بەردىم ساڭا قالىڭ
ئەمدى مۇنى ئالىڭ
ئەمگەك مەنىڭ بىلىڭ
ئوغرار تۈگۈر بارغالى
ساڭا قالىڭ مال بەردىم،
ئەمدى بۇنى ئېلىڭ،
ئەمگەك مېنىڭ، بىلىڭ،
قېيناتا: بارغىلى تەييار.
كۈيئوغۇل قېيناتىسىغا: «مەن ساڭا قالىڭ مال بەردىم، بۇنى ئال، بۇ مالنى توپلاشتىكى جاپا - مۇشەققەتلىرىمنى بىل» دېدى. قېيناتا: «ئۇ بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ» دېدى.
3 - 507