Uyghur←Chinese主要词典
قايتا ئۆسۈش
بىئولوگىيە
再生
zàishēng
جانلىقلار تېنىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ جاراھەتلەنگەن ياكى ئۈزۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىش، ياكى يېڭىدىن ھاسىل بولۇش جەريانى. قايتا ئۆسۈشنى ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىر خىلى، نورمال ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى قايتا ئۆسۈش، مەسىلەن، پەينىڭ ئالمىشىشى، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىقلار، بۇ فىزىئولوگىيىلىك قايتا ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى جاراھەتلەنگەندىن كېيىنكى قايتا ئۆسۈش، بۇ پاتولوگىيىلىك قايتا ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جاراھەتلىنىش بولغاق قايتا ئۆسۈش يەنە تولۇقلاش خاراكتېرىدىكى قايتا ئۆسۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشى، سۇنغان سۆڭەكنىڭ قايتىدىن تۇتىشىشى قاتارلىقلار. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، قېيىن، بۈك قاتارلىق دەرەخلەرنى تۈۋىدىن كېسىۋەتكەندىن كېيىن كۆتىكىدىن يېڭى بىخ چىقىرىپ، ئاخىرىدا يەنە ئېگىز دەرەخكە ئايلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قەلەمچىسى، چىۋىقى قاتارلىقلار ئۆسۈپ كۆپىيىپ ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. بۇمۇ قايتا ئۆسۈشكە كىرىدۇ. يۈسۈنلەرنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن بىرەر پارچىسى ياكى ئۈزۈندىسى مۇكەممەل بولغان يۈسۈنگە ئايلىنىدۇ، بۇنى ۋېگىتاتىۋلىق كۆپىيىش دېيىشكىمۇ، قايتا ئۆسۈش دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ھەر قايسى تۈرلەردە ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، گىدرانىڭ كىچىك بىر پارچىسى قايتا ئۆسۈپ مۇكەممەل بولغان بىر يەككە تەنگە ئايلىنىدۇ. راك ۋە سەمەندەر ئۈزۈلۈپ كەتكەن پۇتىنى قايتا ئۆسۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلالايدۇ. ھالبۇكى، قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەر قايتا ئۆسۈش ئارقىلىق ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئورگانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
再生长
zài shēng zhǎngDباغۋەنچىلىك
次生
cì shēng