Uyghur主要词典
قاينادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاينىدى.
ئەشىچ قاياندى _ قازان قاينىدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( قاينار _ قايناماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قاينار ئۆگۈز كەچىكسىز بولماس _ قايناپ - تېشىپ تۇرغان دەريا كېچىكسىز بولماس. بۇ ماقال تەشۋىشلىك ۋە قايغۇلۇق ئىشقا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ، يەنى ئۇنىڭمۇ بىر چىقىش يولى بولىدۇ، دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
3 - 264
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاينىدى.
ئەر ئاڭار قاينادى _ ئادەم ئۇنىڭغا قاينىدى، يەنى ئادەم ئۇنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى، بۇيرۇغۇچىغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى ( قاينار _ قايناماق).
3 - 412