Uyghur主要词典
قايماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈتنىڭ ماي قىسمى.
خام قايماق، پىششىق قايماق. * قايماق چاي. * قايماق بازىرى. * ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل («قاي»نىڭ ھەرىكەتنامى) .
1 . ئايلانماق.
باش قايماق.
2 . قىيسايماق. ھۆل تاختاي ئاسان قېيىپ قالىدۇ.
3 . توختاپ، چۆگىلەپ ئاقماق. سۇ قېيىپ ئېقىپ، قاينام ھاسىل قىلاتتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مايىل بولماق، قىيسايماق، قېيىپ كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىندۇرۇلغان ياكى قاينىتىلغان سۈت يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان ۋە تەركىبىدە ماي بولىدىغان نېپىز قەۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قىڭغىر، ئەگرى بولۇپ قالماق؛ ئېگىلمەك.
تاختاي ئاپتاپتا تۇرۇپ قېيىپ قېلىپتۇ.
مەلۇم بىر تۈز سىزىق، يۆنىلىشتىن بىر تەرىپىگە چەتلىمەك، كەينىگە يانماق.
ئېقىۋاتقان سۇنى قايدۇرۇپ ئالماق.