Uyghur主要词典
قاغىلىق جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت سەئىدىيە خانلقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر قاغىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان زامانىدا خۇجا مۇھەممەت شېرىپ ئىسىملىك بىر دىنىي ئۆلىما سۇلتانغا يەكەن بىلەن خوتەن ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان قاغىلىققا مەسچىت ۋە لەڭگەر سېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن 1536 _ يىلى ھازىرقى جامانىڭ ئۇلى سېلىنغان. 1883 _ يىلى ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشلىرىدىن مۇتۇللا ئەلىماخۇنۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قاغىلىق جامەسى بىر تەرىپىگە كەڭرى سەينالىق مەدرىسە چىقىرىلغان. 1936 _ يىلىغا كەلگەندە، ھاكىم بولۇپ تۇرغان ھاجى شەنجاڭ دېگەن خۇيزۇ كىشى بۇ جامەنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلىدۇرغان. سرتقى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىدىن ياساپ كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈگەن. 1986 _ يىلىغا كەلگەندە قاغىلىق جامەسىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.
جامەنىڭ يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن مۇنار ۋە دەرۋازا بىنالىرىغا پىششىق خىشلارنى بىر _ بىرىگە ماھىرلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ گۈل چىقىرىلغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك ھەلدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ يۇقىرى سەنئىتى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۇيۇلغان. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن دەھلىز نامايان بولىدۇ. دەھلىزنىڭ ئۇدۇل تېمىغا مېھراب شەكلىدە چىرايلىق گۈل نەقىشلەنگەن تۆمۈر رۇجەك ئورنىتىلغان. جامە سەيناسىغا كىرمەي تۇرۇپمۇ رۇجەكتىن جامەنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دەھلىز ئىچىدە ئىككى كىچىك ئىشىك ۋە ئىككى چوڭ ئەگمە ئىشىك بار. كىچىك ئىشىكتىن ئەگمە پەشتاقلار ئارقىلىق ئۈستىدىكى زال ئۆيگە ۋە ئۈستىدىكى گۈمبەز ئىچىگە چىققىلى بولىدۇ. گۈمبەزنىڭ كۈن يورۇش تەرىپىگە ئىككى قۇر دېرىزە ھەم ئازادە، ئىككى ئەگىم ئارقىلىق جامە ئىچىگە كىرگىلى ھەم يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن پەشتاق ئارقىلىق جامە سەيناسىنىڭ شەرق، شىمال، جەنۇپ ياقىلىرىغا سوزۇلغان تۆمۈر رىشاتكىلىق سەيناغا چىققىلى بولىدۇ. جامەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4762 كۋادرات مېتىر ( 7.15 مو )، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1437 كۋادرات مېتىر، جامە ئىچىدە 16 ئېغىز ھۇجرا، سىرتىدا 23 دۇكان بار، مەسچىت بىلەن سەينانى ئۇزۇن كەتكەن ئۈچ باسقۇچلۇق گۈللۈك پەشتاق ۋە تۆمۈر رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. سەينانىڭ تېگى سېمونتلاشتۇرۇلغان. مەسچىت ئىچىگە زىلچە گىلەملەر سېلىنغان، مەسچىتنىڭ تورۇسلىرى ۋە تۈۋرۈكلەرگە ھەر خىل نەقىشلەر ۋە قاپارتما گۈللەر چىقىرىلغان، سېمونت تۈۋرۈكلۈك بېتون لەمپە جامە ئىچىگە ئاجايىپ ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ، پۈتۈن جامەدە ئىچكىرى، تاشقىرى مەسچىت ۋە سەينانى قوشسا بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.