Uyghur主要词典
قادىرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى تۆت ئېقىمنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئەسلىي ئابدۇل قادىر جىلانى (1078 - 1166) قۇرغانلىقتىن، شۇ كىشىنىڭ ئىسمىدىكى <قادىرىيە> دەپ ئاتالغان. بۇ Ⅻ ئەسىردە قۇرۇلۇپ، باغداتتا تەرەققىي قىلغان تەسەۋۋۇپچى چوڭراق دىنىي پىرقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاڭشى يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 29 - ئەۋلادى دەپ ئاتىغان خوجا ئابدۇللا بىلەن گەنسۇ، نىڭشا، چىڭخەيگە ئېلىپ كىردى. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر شىنجاڭدىن كېلىپ ياكى مەككىگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن گەنسۇ، چىڭخەيلەردە بۇ پىرقىنى تارقاتتى. قادىرىيە ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىگە، فىقھە جەھەتتە ھەنەفىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، تەسەۋۋۇپچى باشقا ئېقىملاردىن روشەن پەرقلەندى. <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش بىلەن بىللە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنداق قىلمىغاندا ئاللانى تونۇغىلى، ئاللاغا يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. <تەرىقەتتە شەرىئەت بار>، <شەرىئەت ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن شەكىللەنگەن>، <تەرىقەت> بولسا تەبىئەتتىن ھالقىغان، يارىتىلمىغان، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ قارىدى. <تەرىقەت> كە يېتىش ئۈچۈن، ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببەتنى ئۈزۈپ، نام - مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، ھەممە يەرگە بېرىپ، مەشھۇر ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ، دەۋرىشانە بولغاندا، ئاللانىڭ سىرلىق ھېكىمەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى. ئىستىقامەت قىلىش تەرىقەتكە يېتىشنىڭ يېقىن يولى دەپ قارىدى. شۇڭا <بىر قېتىملىق ئىستىقامەت مىڭ يىللىق ئىبادەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ> دەيدىغان سۆزى باز. قادىرىيەنىڭ ھەر بىر ئەۋلاد پىرى <قۇتب> (ئوق مەركىزى) راھىب بولۇپ، ئىستىقامەت قىلغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇستازى، ھەر خىل <مۆجىزە> لەرنى كۆرسەتكۈچىلەر دەپ قارىلىدۇ، نەسەبكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى بۇرۇنقى ئۇستازلار راھىب بولۇپ ئىستىقامەت قىلغۇچىلار ئىچىدىن بەلگىلەيدۇ. راھىبلار دەرىجىسىدىكى، بالا راھىب بولۇشى ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت يۇرت كېزىپ تىلەمچىلىك قىلغان بولۇشى، بېلىنى باغلاپ رىيازەت چەككەن بولۇشى ۋە تاغقا بېرىپ ئىستىقامەت قىلغان بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى دەرىجىدىكىسى، دەرۋىش بولۇشى كېرەك. ئۇلار بالا راھىب بولغان بولسىمۇ، يېرىم يولدا راھىب بولغان بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار گۈمبەزدە ئىستىقامەت قىلىشى كېرەككى، تىلەمچىلىك قىلىشقا، تاغلارغا بېرىپ ئىستىقامەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى دەرىجىدىكىسى، گۈمبەزنىڭ رىياسەتكارى بولۇپ، دىنىي ئىشلار بىلەن ئىستىقامەتكە تەڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك. قادىرىيە ئادەتتە ئەتىگەنلىكى ۋە كەچقۇرۇن ئىسرىق سالىدۇ ۋە زىكر ئوقۇيدۇ راھىبلارنى ۋەلى، مۇرىشىدلار ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. راھىب بولغاندىن كېيىن، ئۈچ پەرزگە ئەمەل قىلىشى (ناشايان ئىشلاردىن، <ئالتە تالان> دىن، ئەيش - ئىشرەتتىن پەرز قىلىشى)، بەش شەرتكە بويسۇنۇشى (پەرز قائىدىلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى، يېمەكلىكنى تىلەپ يېيىشى، تىرىشىپ رىيازەت چېكىشى، سەھەردە ئىسرىق سېلىشى، پات - پات يۇيۇنۇپ تۇرۇشى) لازىم؛ ئۇلارنى ئاخۇنلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر دىنسىزلار دەپ بىلىدۇ. ئىستىقامەتنىڭ ھەر خىل پەرزلىرىنى ئادا قىلمايدۇ. گۈمبەزلەردە تاۋاب قىلىدۇ، ئەمەل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. گۈمبەزلەرنى، ئەۋلىيالار ئىستىقامەت قىلغان يەرلەرنى دىنىي پائالىيەت مەركىزى قىلىدۇ. بۇ پىرقىنىڭ مەسچىتلىرىدە يەككە جامائە تاللاپ تەكلىپ قىلىدۇ. ئاخۇنۇم دىنىي رەھبەر ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈنلەي بۇ پىرقىگە مەنسۇپ مەسچىتلەر ئازراق. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئادەملىرى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، 200 مىڭدەك ئادىمى بار.