Uyghur←Chinese主要词典
قاچقۇن قۇللار پەرمانى
دۇنيا تارىخى
逃亡奴隶法
táo wáng nú lì fǎ
ئامېرىكا <1850 - يىلىدىكى مۇرەسسەلىشىش لايىھىسى>دىكى مەزمونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا: ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك قانۇن ئارقىلىق قۇلدارلارنىڭ قاچقۇن قۇللارنى تۇتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ؛ نېگىر قۇللار قۇللار شتاتىدىن قېچىپ ئەركىن شتاتلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالسىمۇ، ئەركىن پۇقرا بولالمايدۇ؛ ھەرقايسى جايلاردىكى سوت ئورۇنلىرى قاچقۇن قۇللارنى تۇتۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆز قۇلدارلانىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. مانا بۇ ھال ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇلدارلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.