Uyghur←Chinese主要词典
قابىلىيەتنىڭ تىپ پەرقى
پسىخولوگىيە
能力类型差异
néng lì lèi xíng chā yì
قابىلىيەتتىكى ئايرىم پەرق سان ۋە ساپا جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. سان جەھەتتىكى ئايرىم پەرق قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بالدۇر - كېيىنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. سۈپەت جەھەتتىكى ئايرىم پەرق ھەر بىر شەخسنىڭ ئالاھىدە قابىلىيەتلىرىدە ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە بىر خىل پائالىيەتنى ئورۇنداشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىر خىل پائالىيەتتە تۈرلۈك كىشلەر تۈرلۈكچە يول قوللىنىشى مۇمكىن ياكى ئۇلارنىڭ قابىلىيەتلىرىنىڭ قوشۇلمىسى بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن. كىشلەرنىڭ قابىلىيىتىدىكى بۇ خىل پەرق قابىلىيەتنىڭ تىپ پەرقى دەپ ئاتىلىدۇ. كىشلەرنىڭ ئىدراك، تەسەۋۋۇر، خاتىرە، نۇتۇق ۋە تەپەككۇرلىرىدىمۇ بۇ خىل پەرقلەر ئىپادىلىنىدۇ، ئىدراك جەھەتتە بەزىلەرنىڭ ئىدرىكى ئۇنىۋېرسال تىپىدا بولسا، بەزىلەرنىڭ ئىدرىكى ئانالىز تىپلىق بولىدۇ، خاتىرە بىلەن تەسەۋۋۇر جەھەتتە، مەلۇم خىلدىكى ئانالىزاتورلاردا تەسەۋۋۇر ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلىگەن بولىدۇ ياكى مەلۇم خىلدىكى خاتىرە تەسەۋۋرى بىلەن ماتېرىيالنى ئەستە قالدۇرۇش بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. بۇنى كۆرۈش سەزگۈسى خاتىرە تىپى، ئاڭلاش سەزگۈسى خاتىرە تىپى، ھەرىكەت خاتىرە تىپى ۋە ئارىلاشما خاتىرە تىپى( كۆرۈش سەزگۈسى - ھەرىكەت خاتىرە تىپى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى - ھەرىكەت خاتىرە تىپى ) قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ.يەنە ماتېرىيالنى ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمى بىلەن ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كۆرسەتمىلىك ئوبراز تىپى، سۆزلۈك ئابىستراكت خاتىرە تىپى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئارىلىق خاتىرە تىپلىرىغا بۆلۈنىدۇ. نۇتۇق جەھەتتىن ئالغاندا، جانلىق نۇتۇق تىپى ۋە لوگىك باغلىنشلىق نۇتۇق تىپىغا بۆلۈنىدۇ. قابىلىيەت تىپى پەرقىنىڭ تەبىئىي ئاساسى ئادەمنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىدىكى ئالاھىدە پەرق ( ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدىكى تىپ ئالاھىدىلىكى ) ۋە ئادەمنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىدىكى قىسمەن تىپ پەرقى ( يەنى ھەر قايسى ئانالىزاتورلارغا خاس نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ) دىن ئىبارەت.