Uyghur主要词典
قاڭ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاتا، دادا، پەردەر: قاڭى - ئاتىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تاپقان، بالىلىق بولغان ئەر كىشى. «ئاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «پەدەر» ، «ۋەلىد» لەر ئەرەبچە، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئومۇمەن ئارخائىزمغا ياتىدۇ.
ئادەم ئاتا؛ ئاتىلار سۆزى؛ دۆلەت ئاتىسى؛ ئاتا مىراس؛ ئاتاڭغا رەھمەت؛ ئاتاڭغا لەنەت؛ ئاتاڭ ئايلانسۇن؛ ئاتا يوللۇق؛ ئاتىدارچىلىق؛ ئاتا تۇتماق؛ ئاتا بولماق؛ ئاتام زامان؛ ئاتام ئېيتقان بايقى؛ ئاتا كۆرگەن؛ ئانا كۆرگەن؛ ئاتام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان. ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي. ئات بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس. ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى. ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما. دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە؟ پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجات بېرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
غاق.
قاز قاڭ ئەتتى _ غاز غاق قىلدى، غاقىلدىدى. بۇ ھەرقانداق نەرسە چىقارغان ئاۋازنىڭ شۇ ئاۋازغا تەقلىد قىلىپ ئاتىلىشىدۇر.
3 - 489
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاتا، دادا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«گاڭ» غا قاراڭ