Uyghur←Chinese主要词典
پېزاررو
دۇنيا تارىخى
皮萨罗
pí sà luó
(تەخمىنەن 1475 - 1154) ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىسى. ئىسپانىيىنىڭ تروجللو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ساۋاتسىز، توڭگۇز باققان. ئىتالىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1502-يىلى ئامېرىكا قىتئەسىگە كۆچۈپ بېرىپ، 1509-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇلاڭچىلىق ۋە تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان. بالبوئاغا ھەمراھ بولۇپ، تىنچ ئوكياننى <تاپقان>. 1524 - يىلىدىن باشلاپ پېرۇغا تاجاۋۇز قىلغان. 1528-يىلى ئىسپانىيىگە قايتىپ كەتكەن. 1531 -180 ئادەم ۋە ئۈچ كېمىنى باشلاپ ھازىرقى پېرۇ چېگرىسىغا يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1533-يىلى ئىنكا پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، ئىنكا پادىشاھلىقىنى يوقاتقان ھەمدە مۇشۇ جايدا بولۇشىچە بۇلاڭچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق قىلغان، ھازىرقى پېرۇ ۋە ئېكۋادوردا ئىلگىرى - كېيىن ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. كېيىن لىمادا ئىچكى نىزادا ئۆلگەن.