Uyghur←Chinese主要词典
پېئانو
دۇنيا تارىخى
皮亚诺
pí yà nuò
(1858 - 1932) ئىتالىيە ماتېماتىكى، ماتېماتىكا لوگىكاشۇناسى، تىلشۇناسى، ئۇنىۋېرسىتېتتا قۇرۇلۇش ئىلمىنى ئۆگەنگەن. 1884-يىلدىن باشلاپ تۇرىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالدىن دەرس ئۆتكەن. 1890-يىلى ئىمتىھان ئارقىلىق تۇرىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان. ۋېكتو ئالگېبراسى ۋە گېئومېتىرىك ھېسابلاشنى تەتقىق قىلغان. بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى ئەگرى سىزىقنى كەشپ قىلغان. 1894 - 1898 - يىللىرىدىكى <ماتېماتىكا فورمۇلىلىرى> ھازىرقى زامان ماتېماتىكىلىق لوگىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان. ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماتېماتىكا تارىخىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى بىر ئېقىمغا ئايلاندۇرغان. <خەلقئارالىق تىل - يېزىق> نى ئىجاد قىلىپ، تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارقالمىغان. ئەسەرلىرىدىن <دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال قائىدىلىرى>، <مىكرو ئېلېمېنت تەھلىلى>، <ماتېماتىكا ئوبزورلىرى> قاتارلىقلار بار.