Chinese→Uyghur主要词典
普贤寺
دۇنيا تارىخى
پۇشيەن ئىبادەتخانىسى
چاۋشىيەندىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى. شىمالىي يىڭئەن ئۆلكىسى نىڭبيەن ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي جەيشيەن دېگەن جايىدىكى ميەنمياۋ تېغىغا جايلاشقان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ گۇاڭزۇڭ دەۋرى (950 - 975) دە ياسىلىشقا باشلىغان. شىمالىي چاۋشىيەندىكى بىرىنچى چوڭ ئىبادەتخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشىيەندىكى 31 باش ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئىبادەتىخانا قارايدۇ. رېنچېن مەزگىلىدىكى ياپونلارنىڭ قالايمىقانچىلىقىدا (1593)، بۇ ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ياپون ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇشى، كېيىن خەلق ئىچىدە داستان بولغان. بۇ ئىبادەتخانا كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن قالغان. داشيوڭباۋ ئوردىسى ۋە ۋەنسۇيلۇ بىناسى بۇ ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىمارەتلەر بولۇپ، داشيۇڭباۋ ئوردىسىنىڭ ئالدىدىكى 13 قەۋەتلىك سەككىز قىرلىق تاش مۇنار نەپىس ياسالغان ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە. ئوردا ئىچىدىكى تام رەسىملرى يىڭزۇ دەۋرى (1724 - 1776) دىن قالغان يادىكارلىق بولۇپ، سەنئەت سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى.