Chinese→Uyghur主要词典
普韦布洛人
دۇنيا تارىخى
پو ئېبلولار
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار. ئەسلىدە ھازىرقى ئامېرىكىنڭ غەربىي جەنۇبىي قىسى ۋە مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇلارنىڭ ئىمارەتلەر توپىنى پوئېبلو (ئىسپانىيىچە شەھەر - بازار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق نام ئالغان. ئۇلاردا دېھقانچىلىق خېلى بالدۇرلا بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ خىل زىرائەتلەرنى تېرىيالىغان ھەمدە سۇغىرىش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان، مۇرەككەپ قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن، توقۇمچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساپال قاچىلار، كۈمۈش ئەسۋابلار، مىس ئەسۋابلارنى ياسىيالىغان. شەرق ۋە غەرب ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، شەرقىي تارمىقىنىڭ سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى، يەنى سىنىپىي جەمئىيەتكە يېقىنلىشىپ قالغان، غەربىي تارمىقى يەنىلا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1680-يىلى سەردارى پوپېنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 13 يىلدىن ئۇزاقراق مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان. ئۇلار ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتلىرىدىكى ساقلانغان رايوندا ياشاپ كەلمەكتە.