Chinese→Uyghur主要词典
普瓦都
دۇنيا تارىخى
پوئىتوئۇ
فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادى 778 - يىلى بەگلىك شەكىللەنگەن. 990 - يىلى ئاكۋىتانىيە كىنەزلىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1137 - يىلى فرانسيە كورۇلى لۇئى Ⅶ ئۆزىگە بېقىندۇرغان. 1152 - يىلى ئانژۇ گرافى ھېنرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 1154 - يىلى ھېنرى ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغاندىن كېيىن، پوئىتوئۇ ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىگە ئايلانغان. 1203 - يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ ئۇنى قايتۇرۋالغان. ئەنگىلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە. 1356 - 1369 - يىللاردا يەنە ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1416 - يىلى فرانسىيە كورۇلىنىڭ خوجىلىق يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.