Chinese→Uyghur主要词典
普天堡战役
دۇنيا تارىخى
پۇتيەنباۋ جېڭى
چاۋشىيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ستراتىگىيىلىك مۇھىم ئورنى پۇتيەنباۋغا قىلغان ھۇجۇمى. 1936 - يىلى ۋەتەننى قايتۇرۋېلىش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈرەش تېز راۋاجلانغان. 1937 - يىلى 3 - ئايدا ئېچىلغان شىگاڭ (جوڭگونىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە) يىغىنىدا، چاۋشىيەننىڭ دۆلەت ئىچىگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت ستراتىگىيىلىك فاڭجىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى كىم ئېرسىننىڭ باشچىلىقىدا يالۇجيالڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ چاۋشىيەننىڭ شىمالىدىكى ستراتىگىيىلىك مۇھىم ئورنى پۇتيەنباۋ (ھازىرلياڭجياڭ ئۆلكىسىگە تەۋە) غا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ياپۇن قاراقچىلىرىنىڭ ساقچى ئىدارىسىنى ۋە ئون لاۋازىمەت ئورنىنى كۆيدۈرۋەتكەن. 5 - كۈنى ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ، تايانچ بازىسىغا غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن. بۇ جەڭ چاۋشىيەن خەلقىنىڭ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن.