Uyghur主要词典
پۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ تۇرۇشى، يۈرۈشى ۋە ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى، ئاياغ.
پۇت ئاتماق، پۇت تېپىشمەك. * پۇت تىقماق، پۇتقا چېتىۋالماق. * پۇتىنى ئالماشتۇرماق. * پۇتنى يەرگە تەگكۈزمەك. * ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقماق. * پۇتىغا ھۆل خىش قويماق. * سېمىزلىكپۇتقا يۈك. * بىر پۇتى يەردە، بىر پۇتى گۆردە. * بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق. * پۇتى كۆيگەن توخۇدەك. * قاغا پۇتى خەت. * يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن (ماقال). * كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق (ماقال). * ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ (ماقال).
2 . ئۈستەل، كارىۋات، ئورۇندۇققا ئوخشاش ئۆي جاھازىلىرىنى تىك تۇرغۇزىدىغان قىسمى. سافانىڭ پۇتى. * جوزىنىڭ پۇتى. * داڭقان پۇتى گەپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رۇسلاردىن كىرگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.
پۇت كۆپرەك ئاشلىق ئۆلچەشتە قوللىنىلىدۇ. بىر پۇت 16.38 كىلوگرامغا تەڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توپ ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر خىلى. ئىككى تەرەپ بولۇپ ئوينايدۇ، توپنى تېپىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كۆپ كىرگۈزگەن تەرەپ ئۇتىدۇ.
جۇڭگو قىزلار پۇتبول كاماندىسى يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدا دانىيە قىزلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئويناپ 2=2 توپ بىلەن تەڭ بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ گەۋدىسىنى تىرەپ تۇرىدىغان يۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى.
ئاياغ ئاتلىمىسا، ياش يۈگۈرمەس. ئاياغ تەگدى، بالا تەگمىسۇن. ئاياغقا تاپسا باشقا يوق. گۈل بەرگىدە ئۆسەر نازىنىن ئاياغ، ئەھۋالى نېمە بولار تىكەن باسقان چاغ. پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي. پۇتىغا ھۆل خىش قويماق. باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە. پۇتى يوغان تاپقاننى كىيەر، پۇتى كىچىك تاللاپ كىيەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەمنىڭ بەدىنى تايىنىپ تۇرىدىغان، يۈرۈشىگە خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى.
باش
ئادەم بەدىنىنىڭ كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالار ئورۇنلاشقان قىسمى (ئەزاسى).
باشقا تاپسا ئاياغقا يوق، ئاياغقا تاپسا باشقا (يوق). ئاياغ ئاتلىمىسا، باش يۈرمەس. دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياغقا. پۇت تېيىلسا باشقا جاپا. باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە. بېشى يوغان بەگ بولار، پۇتى يوغان قۇل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۇت،يوتا.
3 - 165
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى روسىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت تەخمىنەن 4/1 11 دىن 3/4 12 گىچە خەرۋار بولىدۇ. خەرۋار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، غازانغان دەۋرىدە بىر خەرۋار 3.83 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر خەرۋار بىر ئېشەك يۈكى ئېغىرلىقىدا بولغان.
كروپاتكىن بىر پۈتنى 36 قاداققا باراۋەر قىلىپ ھېسابلىغان. شىنجاڭدىكى بىر <پۇت> تەخمىنەن 32 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئاشلىق، بىر پۇت يەر شۇنچىلىك ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ياكى بىر جۈپ قوش كالىسى بىلەن بىر كۈندە ھەيدەپ بولغىلى بولىدىغان يەر كۆلىمىنى بىلدۈرگەن. بۇرھان ئەپەندى بىر پۇتنىڭ 16 كىلوگرامغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> دە بىر پۇت 83.16 كىلوگرام بولىدۇ دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم، ھايۋان ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ يەرنى تايىنىپ تۇرۇشى، يۈرۈشى ياكى ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ ئاياغ.
ئوت پۇت. پۇتنى ئالماپ ئولتۇرماق.
كارىۋات. ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئايىغى.
ئورۇندۇق پۇتى. سافانىڭ پۇتى. ئۈستەلنىڭ پۇتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
روسچە
ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر پۇت 38.16 كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ.