Uyghur主要词典
پۇشكىن
دۇنيا ئەدەبىياتى
پۇشكىن (1799 −1837 - يىللار) روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى19 - ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى.
پۇشكىن موسكۋادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدا بىر يانچى ئىنىكئانا باققان، دائىم ئىنىكئانىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان، بۇ ئۇنى كىچىكىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەربىيىسىگە ئىگە قىلغان.12 ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىدىن دېموكراتىك ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان.1812 - يىلى رۇس خەلقى ناپولېئون قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۆرلۈكنى مەدھىيىلەيدىغان، مۇستەبىت زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بىرمۇنچە شېئىرلارنى يازغان. «ھۆرلۈككە مەدھىيە»، «چائادايېفقا»، «يېزا»، «رۇسلان ۋە ليۇدمىلا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. چار پادىشاھ ئالكساندر بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، پوشكىننى سىبىرىيىگە سۈرگۇن قىلىشقا بۇيرۇغان. بەزى كىشىلەر ئارىغا چۈشكەنلىكتىن، ئۆزگەرتىپ، ئۇنى جەنۇبىي روسىيىگە سۈرگۈن قىلغان.
پۇشكىن1820 - يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي روسىيىدە تۆت يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ دېكابىرىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، يەنە داڭلىق شېئىرى »شەمشەر«نى يېزىپ، خەلقنى يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا، زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىرغان. «مەھبۇس»، «دېڭىزغا»، «سىگان»، «كافكاز تۇتقۇنى» قاتارلىقلاردا ھۆرلۈككە تەشنالىق، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە نەپرەت، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ئىدىيىۋى كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن.1824 - يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پۇشكىننى مىخايلۇۋېسكى كەنتىگە يالاپ ئاپىرىۋەتكەن، بۇ يەردە ئۇ تارىخنى تەتقىق قىلىپ، خەلققە يېقىنلىشىپ، تارىخىي دراما «بورىس گودۇنوف» نى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدا چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى دەۋر ئالمىشىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.1826
- يىلى پۇشكىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن. كېيىنكى يىلى
«سىبىرىيىدىكى مەھبۇسلارغا» قاتارلىق داڭلىق شېئىرلىرىنى يازغان.1830 - يىلى مەشھۇر شېئىرىي رومانى «يېۋگېنى ئونىگېن» نى ئىجاد قىلغان، بۇ روسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئەسەر بولۇپ قالغان.1837 - يىلى2 - ئايدا پۇشكىن بىر قېتىملىق دۇئېلدا ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئادەم قولى بىلەن تىكلىگىلى بولمايدىغان بىر ئابىدە تىكلىدى.
پۇشكىن يەنە نۇرغۇن ھېكايە، نەسر ۋە درامىلارنى يازغان. ئۇنىڭ «بېلكىن قىسسىلىرى» روسىيە ھېكايىچىلىقىنىڭ نەمۇنىسى، بۇنىڭ ئىچىدە
«بېكەت باشلىقى» روسىيە ئەدەبىياتىدا كىچىك مەمۇر ياكى شەھەرنىڭ باشقا تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەردىن ئىبارەت «كىچىك شەخس» ئوبرازى يارىتىلغان تۇنجى نادىر ئەسەر. پوۋېست «كاپىتان قىزى» دا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى پۇگاچيۇفنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، روسىيە ئەدەبىياتىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى قەھرىمانىنى مەدھىيىلەشنىڭ يولىنى ئاچتى.
شېئىرىي رومان «يېۋگېنى ئونىگېن» پۇشكىننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەسەردە ئونىگېن بىلەن تاتىيانانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يىپ ئۇچى قىلىنىپ،19 -،20 - ئەسىرلەردىكى روسىيىنىڭ رېئال تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسىنى كەڭتاشا سىزىپ بېرىپ، «رۇس تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى» دەپ ئاتالدى.
دۇنيا تارىخى
(1799 - 1937)، روسىيە شائىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىشاھ كەنتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1817-يىلى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئىجادىيەتنى باشلىغان. ئۇ <ئەركىنلىك>، <چادايېۋقا>، <قىشلاق> قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئەركىنلىكنى مەدھىيىلەپ، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان. 1820-يىلى خەلق چۆچىكى سۇژىت قىلىنغان، دېموراتىك روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى داستانى <روسلان - ليۇدمىلا> نى يېزىپ چىققان. شۇ يىلى جەنۇبقا سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن جەريانىدا <كاپكاز تۇتقۇن>، <سىگانلار> داستانلىرى، <قۇياش پاتتى>، <تۇتقۇن>، <خەنجەر> قاتارلىق لىرىك شېئىرلارنى يېزىپ، يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتنى سۆكۈپ، شەخ ئەركىنلىكىنى ئارزۇ قىلغان. 1825-يىلى تارىخىي تراگېدىيە <بورىس گودۇنوۋ> نى پۈتتۈرۈپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقنىڭ كۈچىگە مەدھىيە ئوقۇغان. دېكابرىستلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چار پادىشاھ ئۇنى موسكۋاغا چاقىرىپ، سۈرگۈندىن بوشىتىش چارىسى ئارقىلىق ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما پۇشكىن <سىبىرىيىدىكى مەھبۇسلارغا خەت>، <ئارىئۇن> قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، دېكابىرىستلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان. 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تارىخىي داستان <پولتاۋا>، <مىس رىتسار> لارنى يېزى بۈيۈك ئىمپېراتور پېتىرنىڭ پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ <كاپىتان قىزى> رومانىنى ۋە تارىخىي خاتىرە <پۇگاچيوۋنىڭ تارىخى> نى يازغان. يەنە <بىلكىن ھېكايىلىرى> ۋە بالىلار چۆچىكى شېئىرى قاتارلىقلارنى يازغان. 1836-يىلى <زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، ئوبزور ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدلىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. كېيىنكى يىلى سۇيىقەست بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۇئېلدا زىيانەكشەلىككە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.