Uyghur主要词典
پۇشايمان قىلىش
پسىخولوگىيە
بۇ سوبيېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن بولغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاندا پەيدا بولغان بىر خىل ئۆزىدىن كايىش كەيپىياتى. ئۇ ئەپسۇسلىنىش، ئۆزىنى ئەيىپلەش، ئېچىنىش، مەيۇسلىنىش، كۆڭلى سوۋۇش قاتارلىق تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇشايمان قىلىش بىر خىل پاسسىپ ھېسسىيات، پۇشايماننى يېڭىش ئۈچۈن مەلۇم ئاقىلانىلىق ۋە ئىرادە كۈچى كېرەك. شۇنىڭدەك ئالغا قاراش، دادىل بولۇش، قولدىن كەتكەن پۇرسەتنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش لازىم.