Uyghur主要词典
پۇرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراش ئەزاسى _ بۇرۇن بىلەن پۇراقنى قوبۇل قىلماق.
«ئىللىماق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
يۈزماينى ساتقۇزىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئالما، پۇراپ ئال. ئادەم سۆزىلىشىپ تونۇشار، ھايۋان ئىسكىشىپ تېپىشار. ياخشىنىڭ يادىكارىنى كۆز ئېقىدا ساقلىغىن، ۈولى بولسا باشقا سانجىپ، غۇنچىسىنى ئىللىغىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۇراش سېزىمى ئارقىلىق بىرەر پۇراقلىق نەرسىنىڭ پۇرىقىنى سەزمەك.
گۈل پۇرىماق. پۇراپ باقماق.
ئات قوي پادىسىنى ئايلىنىپ ئۆتتى - دە، يولنى نەچچە پۇراپ قويغاندىن كېيىن، پۇشقۇرغىنىچە يول بويلاپ ئالغا مېڭىپ كەتتى.
بىرەر نەرسىنىڭ پۇرىقى ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ ئۆز ئەتراپىغا تارىماق؛ دىماغقا ئۇرۇلماق؛ سېزىلمەك.
دوختۇردىن دورا پۇرايدۇ.
ئۇ گەپ قىلغاندا ئاغزىدىن تاماكا پۇرايتتى.
ئەسلىدىكى تەمى ۋە پۇرىقىدىن ئۆزگىرىپ باشقىچە پۇراق چىقىدىغان بولۇپ قالماق؛ بىقسىماق.
يېزنىڭ كۈنى گۆش ناھايىتى ئاسان پۇرايدۇ.