Uyghur主要词典
پۇقرا
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئاددىي خەلقى.
خان، پادىشاھ
ئومۇمەن دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى.
خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق. ئۆدەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. پادىشاھنىڭ يىلتىزى رەئىيەدە، رەئىيەدىن قول ئۈزمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدىغان كىشى.
ئىككى پۇتىدا تىك تۇرغان پۇقرا، تىز پۈككەن ئەربابتىن ئەلا. ئەت قويسا ئامبال، يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراق. رەئىيەدىن قولۇڭنى تارتىما. گراژدان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى.
ئاددىي ئاۋام خەلق.
ئوت قويسا ئامبال يوق سوراق، پۇرا ياقالمايدۇ چىراغ (ماقال).