Chinese→Uyghur主要词典
普契尼
دۇنيا تارىخى
پۇتىستىسنى
(1858 - 1924)، ئىتالىيە ئوپېرا كومپوىتورى. لۇككادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەش ئەۋلاد مۇزىكانتلار دەپ ئاتالغان. ئۇ دەسلەپتە گارمونچى ۋە رويالچى بولغان. 1880 - 1883 - يىللاردا مىلان مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوپېرا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمونى گەرچە كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى بەزى ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ھادىسىلىرىگە تاقالغان ھەمدە تۆۋەنكى قاتلام خەلقنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىغابولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىگە تەگمىگەن. ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى 1893 - يىلىدىكى <مانتون لىسكا> ۋە 1904 - يىلدىكى <كېپىنەك خانىم> بولۇپ، يەنە <سىگانلار>، <توسكا> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.
ئىستېتىكا
pǔ qì ní
پۇچچىنى (ئىتالىيىلىك)