Chinese→Uyghur主要词典
普鲁士道路
دۇنيا تارىخى
پرۇسسىيە يولى
گېرمانىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش يولى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يونكېر پومېشچىكلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. 1850 - يىلى 3-ئايدا<پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىش پەرمانى>نى ئېلان قىلىپ، قىسمەن باي دېھقانلارنى فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەردىن پۇل تۆلەپ قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، باي دېھقانلار تەبىقىسىنى شەكىللەنۈرگەن، كەڭ دېھقانلارنى يەردىن ئايرىپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ياللانما ئىشچىلىرىغا ياكى شەھەردىكى ياللانما ئىشچىلارغا ئايلاندۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن يەرلەرنى يونكېر پومېشچىكلار ۋە باي دېھقانلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپتىالىستىك ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1854-يىلى ئېلان قىلىنغان <ياللانما دېھقانلار قانۇنى> يونكېر پومېشچىكلارنىڭ يېزىلاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قانۇنىي جھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇستەھكەملىگەن. بۇ خىل فېئودالىزمنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىسلاھاتچىلىق شەكلى ئارقىلىق ساقلاپ قېلىپ، دېھقانلارنى تالان - تاراج قىلىشنى كۈچەيتىپ، پومېشچىكلار ئىگىلىكىنى ئاستا - ئاستا كاپىتالىستىك ئىگىلىككە ئايلاندۇرۇش جەريانى، مۇئەييەن تىپىكلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، لېنىن ئۇنى <پرۇسسىيە يولى> دەپ ئاتاپ، پومېشچىكلار ئىگىلىكىنى ئىنقىلاب شەكلى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلاپ، دېھقانلارنى ئەركىنلىك بىلەن يەرگە ئېرىشتۈرۈپ، كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغان <ئامېرىكا يولى> دىن پەرقلەندۈرگەن.