Chinese→Uyghur主要词典
普拉西战役
دۇنيا تارىخى
پلاسسېې جېڭى
ئەنگلىيە ھىندىستاننىڭ بېنگال ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان جەڭ. پلاسېي كالكوتتىنىڭ شىمالىدىن 83 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. 1757-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، كلىۋې قوماندنلىقىدىكى 3000 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى بېنگالنىڭ ھۆكۈمرانى سىراج - ئۇددائۇلا قوماندانلىق قىلغان 18 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە 50 مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بىلەن مۇشۇ يەردە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. بېنگال ھىندىستان قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى مىر جافار جەڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيىلىكلەرگە سېتىلىپ، جەڭ باشلانغاندا قىمىرلىماي تۇرۇۋالغانلىقتىن، ھىندىستان قوشۇنى كلىۋې تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ جەڭ ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىگە مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.