Uyghur主要词典
پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
روسىيىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور دېھقانلار قوزغىلىڭى (1773 - 1775). ئۇنىڭ داھىيىسى پۇگاچيوۋ (تەخمىنەن 1742 - 1775)، دون كازاكلىرىدىن بولۇپ، 7 يىللىق ئۇرۇش ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1768 - 1774) غا قاتناشقان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پومېشچىكلار سىنىپى دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقتىن، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن. 1773-يىلى 9-ئايدا پۇگاچيوۋ ئورال دەرياسى رايونىدا 80 كازاكنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۇ چاقىرىقنامە چىقىرىپ، ئۆزىنى پېتېر Ⅲ دەپ ئاتىغان، يانچىلارنى ئازاد قىلىش، جان بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يەر، يايلاق، كۆل ۋە ئورمانلارنى نامرات دېھقانلارغا بېرىشنى جاكارلاپ، دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە كازاكلار، باشقىردلار، تاتارلار قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئورال زاۋۇتلىرىدىن قورال - ياراق، ئوق - دورا تەمىناتىغا ئىگە بولۇپ، تېز كېڭەيگەن. 1774-يىلى ئەتىيازدا 50 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئورال دەرياسى، ۋولگا دەريا ۋادىلىرىدا ۋە ئورېنبورگ چېگرا رايونىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. 7-ئايدا قازاق شەھىرىنىڭ يېنىدا ھۆكۈمەت قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا قايتقان. 8-ئايدا سارتېسېندا يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، دەريادىن ئۆتۈپ شەرقتىكى يايلاق رايونىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭ قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاڭسىزلىقى ۋە تارقاقلىقى تۈپەيلىدىن، ئاخىرى چار پادىشاھ قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. پۇگاچيوۋ 1774-يىلى 9-ئايدا باي كازاكنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىنكى يىلى 1-ئايدا موسكۋادا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.