Uyghur主要词典
پۈۋەك
شىۋىلەر
بېلىق پۈۋىكى (بېلىقنىڭ ئىچىدىكى خالتىسىمان كۆپۈكچە).
بىئولوگىيە
كۆپ ساندىكى سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ تەن بوشلۇقىدىكى ھاۋا تولغان بىرخىل ئۇزۇن خالتىسىمان ئورگان. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردەك بولمايدۇ. ئادەتتە بىر ياكى ئىككى بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچكە تۇتىشىدىغان نەيچىسى بولىدۇ ياكى ھېچقانداق تۇتىشىش نەيچىسى بولمايدۇ. پۈۋەككە تولغان ھاۋا ئوكسېگىن، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە ئازوت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ رولى بەدىنىنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى تەڭشەش ياكى ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا نەپەسلىنىش ئورگىنىلىق رول ئويناشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىۋاسىتە ھاۋادىن نەپەسلىنىدۇ. بەزى بېلىقلارنىڭ پۈۋىكى يەنە ئاۋاز چىقىرالايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بەزى بېلىقلارنىڭ تېنىدىكى كۆپۈپ ۋە بوشىشىپ تۇرىدىغان خالتىسىمان ماددا، ئىچىگە ئازوت، ئوكسىگېن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قاتارلىق ئارىلاش گازلار تولۇپ تۇرغان بولىدۇ؛ بوشاشقان ۋاقتىدا بېلىق چۆكىدۇ، كۆپكە ۋاقتىدا لەيلەيدۇ؛ بەزى بېلىقلارنىڭ پۈۋىكى ئاڭلاش ۋە نەپەسلىنىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.