Uyghur主要词典
پۈتۈنلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرمەك، پۈتۈن قىلماق.
بالام بىراۋنىڭ سىرتتىن كىرگەن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇشتۇلغان ناننى ئاستا پۈتۈنلەپ قويدى.
كېمىنى تولدۇرماق، تولۇقلىماق.
ساۋۇر ئاكام تاغارنى ئاچتى - دە، يەنە ئۈچ چارەك بۇغداينى ھارۋا ئۈستىدىكى تاغارغا قۇيۇپ ئۇنى پۈتۈنلەپ ئون چارەك قىلىپ بازارغا سېتىشقا ماڭدى.
ئۇششاق، پارچە پۇلنى چوڭ پۇلغا ئالماشتۇرماق.
بۈگۈنكى سودىدا چۈشكەن پارچە پۇللارنى بانكىغا ئاپىرىپ پۈتۈنلەپ كەلدىم.
ساننىڭ تاشلىۋېتىدىغان قىسمىنىڭ ئالدىنقى بىر خانىسىدىكى رەقەمگە قاراپ ئېلىنىدىغان تەخمىنىي پۈتۈن سان قىممىتىنى بەلگىلىمەك.