Uyghur主要词典
پۈرمە مۇسكۇل
بىئولوگىيە
قورۇغۇچى مۇسكۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىدىكى بەزى قانال - نەيچە بوشلۇقى ئەتراپىدىكى بىر خىل ھالقا مۇسكۇل. بۇ خىل مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى قانال بوشلۇقىنى ئېتىپ قويالايدۇ، مەسىلەن، سۈيدۈك يولى، دوۋساق، مەقەت ھەم ئاشقازاننىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئورۇغۇچى مۇسكۇل بولىدۇ.