Uyghur主要词典
پۇچقاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئىشتاننىڭ تىزدىن تۆۋەن قىسمى.
ئىشتاننىڭ پۇچقىقى. * پۇچقاقنى تۈرمەك. * پۇچقاقتىن پۈۋلىمەك. * پۇچقاققا پىت چۈشمەك.
2 . ھايۋانلارنىڭ پاقالچىقى - شىرىقىنىڭ تېرىسى. تۈلكە پۇچقاقلىرىدىن تىكىلگەن جۇۋا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئومۇمەن پارچە -پۇرات تېرە پۇرۇچلىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ تۇتاشقان يېرى؛ نەرسىنىڭ بىر چېتى؛ چەت - ياق جاي.
تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭ. ھەر نەرسىنىڭ بۇرجىكى بار، سۆزنىڭ ئىلمىكى بار. تازىلىق ھەرىكىتىدە ھېچبىر پۇچقاقلار قالمسۇن. دۈشمەن بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا تۇرۇپ، بىزگە قارشى پىلان تۈزۈۋاتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاپان، كۆڭلەكلەرنىڭ ئالدى تەرىپى.
تاھىر پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماپتۇ. پۇچقاقتىن يەل بەرمەك. ئىت ئېتەكتىن ئالىدۇ. خوتۇن ياقىدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشتاننىڭ تىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمى.
ئىشتاننىڭ پۇچقىقى. پۇچقاقنى تۈرمەك.
چەت، ياقا.
بۇلۇڭ - پۇچقاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ھەر خىل پارچە - پۇرات تېرە پۇرۇچلىرى.
پۇچقاق جۇۋا.
سۈپ. مەللە رەڭ، ئالىتاغىل.
پۇچقاق مۈشۈك.