Uyghur主要词典
پىتتى قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق نامى <شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى ۋە برىتانىيىنىڭ ھىندىستاندىكى زېمىنىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى>. 1784 - يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كىچىك پىتتى ئەنگلىيىگە قارام بولغان ھىندىستانغا قارىتا جاكارلىغان باشقۇرۇش قانۇن لايىھىسى. ئۇنىڭدا: بىر مالىيە ۋەزىرى، بىر دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە كورۇل بەلگىلەپ بەرگەن تۆت نەپەر مۇھىم مەسلىھەتچىلەردىن تەركىب تاپقان تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېت (ئادەتتە باشقۇرۇش ئىدارىسى دەپ ئاتىلىدۇ) تەسىس قىلىش؛ بۇ كومىتېت ھىندىستانغا قارىتىلغان سىياسىي، ھەربىي ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە مەسئۇل بولۇش، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ مالىيەسىنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭدا ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى بولۇش؛ تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى ئۈچ دىرېكتوردىن تەشكىل تاپقان مەخپىي كومىتېت ئارقىلىق ھىندىستانغا يەتكۈزۈلۈش؛ ئەسلىدىكى دىرېكتورلار باشقارمىسى پەقەت كادىر بەلگىلەش ۋە ئادەتتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا بولغان سودا مونوپول ھوقۇقىنى يەنىلا ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش، شىركەتنىڭ ئىجازەت ۋاقتى 1813 - يىلغىچە ئۇزارتىلىش بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاننى بىۋاستە كونترول قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەمەلىيەتتە، ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىگە ئايلانغان.