Uyghur←Chinese主要词典
پتېرىيە
بىئولوگىيە
珠母贝
zhūmǔbèi
مەرۋايىت قۇلۇلىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كلاپان ژابرالىقلار سىنىپى، مەرۋايىت قۇلۇلىلەر (پتېرىيە) ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى قاپچۇقى تەڭ بولمايدۇ، ئوڭ قاپچۇقى تۈزرەك، سول قاپچۇقى ئوڭ قاپچۇقىغا قارىغاندا سەل تومپايغان بولىدۇ. كىرىشتۈرمە چىشلىرى بولمايدۇ. قاپچۇقىنىڭ دۈمبە گىرۋەكلىرى تۈز، قاپچۇق چوققىسى ئالدى تەرەپكە يېقىنراق بولىدۇ. قاپچۇق چوققىسىدىن ئالدى ۋە كەينى تەرەپكە ئۇزارغان بولۇپ، ئالدى كىچىك، كەينى تەرىپى چوڭ بولىدۇ. قاپچۇق يۈزىدە ياپما كاھىش شەكلىدە تىزىلغان تەڭگىچە قەۋىتى بولۇپ، تۇتۇق كۆك رەڭلىك بولىدۇ. قاپچۇقىنىڭ ئىچكى يۈزىدىكى مەرۋايىت قەۋىتى ئىنتايىن قېلىن، مەرۋايىتى ناھايىتى پارقىراق بولۇپ، مەرۋايىت چىقىدىغان دۇنياغا مەشھۇر ئاتا قۇلۇلە ھېسابلىنىدۇ. مەرۋايىت، سىرتقى غىلاپ پەردىسىدىن ئاجرىلىپ مەرۋايىت قەۋىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ماددا بولغاچقا سىرتقى غىلاپ پەردە بىلەن قاپچۇق ئارىلىقىغا كىرىۋالغان يات نەرسىلەرنىڭ ئورىلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان، شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلىپ مەرۋايىت يادروسىنى ئېكىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق مەرۋايىت مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پتېرىيىلەر يىللىق دېڭىزلاردا ياشايدۇ، ئۇ مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي تەرەپ دېڭىز بويلىرى ھەم خەينەن ئارىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مارتېن پتېرىيىسى (P.martensii) ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ. ئوچۇق ئىچكى قولتۇقلاردا، دېڭىز تېگى تىنىق، سۇ ئېقىمى شىددەتلىك بولمىغان، مارجان خادا تاش ياكى يېشىل تاشلار بولغان تېيىز دېڭىز تېگىدە پۇت يىپچىلىرى ئارقىلىق قىيا تاش، مارجان خادا تاشلار ياكى باشقا قۇلۇلىلەرگە چاپلىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ. گۇاڭشىنىڭ خېفۇ دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان مەرۋايىت ئەڭ داڭلىق بولۇپ، بۇ جاينىڭ تەبىئىي مەرۋايىت ئېلىنىشى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 1700 يىللىق تارىخقا ئىگە. مەرۋايىتنى زىننەت بۇيۇمى قىلغاندىن باشقا يەنە تىنچلاندۇرۇش دورىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
普泰里亚
pǔ tài lǐ yà