Uyghur←Chinese主要词典
پېتر
دۇنيا تارىخى
波得二世
bō dé èr shì
(1812 - 1851) مونتېنېگرودىكى ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن باشلىق، شائىر. 1830 - يىلى تاغىسى پېتىر Ⅰ نىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان (1830 - 1851). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، يەرلىك زوراۋانلارنى ئاجىزلاتقان ۋە مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 1831 - يىلى سېدىنىيې دېگەن جايدا دائىملىق سىنات تەسىس قىلغان، 1516 - يىلدىن باشلاپ تۇرغۇزۇلغان خەلق ئىشلىرى باش ۋالىيلىق ۋەزىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەھرىي ھوقۇقنىڭ ئورنىغادەسسەتكەن. سىرتقا قارىتا تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرغان. 1838 - 1840 - يىللىرى ئاۋستىرىيە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىن ئايرىغان. ئۇنىڭ <تاغ ئۈستىدىكى گۈلتاج> ناملىق مەشھۇر تارىخىي داستانى بولۇپ، بۇنىڭدا مونتېنېگرونىڭ تۈركلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدىكى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان.
دۇنيا تارىخى
彼得一世
bǐ dé yí shì
(1) (1672 - 1725) يەنى ئىمپېراتور پېتر. چارروسىيە پادىشاھى (2168 - 1725؛ 1721 - يىلى ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان). 1682-يىلى ئۇكىسى ئىۋان Ⅴ ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن بىردىنبىر پادىشاھ بولغان. 1697-يىلى نامىنى ئۆزگەرتىپ ئادەتتىكى سېرژانت سالاھىيىتى بىلەن ئەلچىلەر ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ، چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىققان (<پېتر ئەلچىلەر ئۆمىكى> گە قارالسۇن). ئىككىنچى يىلى روسىيىدىكى <گۋاردىيە> ھەربىي ئۆزگىرىشىدە دۆلىتىگە قايتقان. تەختتىكى مەزەىللىرىدە غەربكە تەقلىت قىلىپ، ئىقتىساد، ھەربىي، مەدەنىي - مائارىپ ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئودال ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتكەن، بۇ تارىختا <پېتىر Ⅰ ئىسلاھاتى> دەپ ئاتالغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1700 - 1721 - يىللىرى شىمال ئۇرۇشىنى قوزغاپ شۋېتسىيىنى يەڭگەن، فىنلاندىيە قولتۇقى، رىگا قولتۇقى ئەتراپلىرىنى ئىشغال قىلىپ، بالتىق دېڭىز ئېغىزىنى تارتىۋالغان. 1722 - 1723 - يىللىرى پېرسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى تارتىۋالغان. ئىككى قېتىم تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قارا دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ھە دېسىلا سىرتقا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىغا ئېغىر ئالۋان - سېلىق سالغانلىقتىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاستىراخان قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. (2) پېتىر Ⅰ (1747 - 1830) مونتېنېەرودىكى ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ئاقساقال. 1782-يىلى تاغىسى ساۋېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان (7821 - 1830). ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى تۈگىتىپ، قايتىدىن ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى تەشكىللىگەن. 8179ىلى مونتېنېگرونىڭ تۇنجى قانۇنىنى بېكىتكەن. ھەرقايسى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تارقاق ئىتىتپاقنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالغان. روسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشپ، تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە تۈركىيە سۇلتانلىقىنى 1799-يىلى مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە بوردا رايونىنى قوشۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ناپولېئوننىڭ ياۋروپا كۈرىشىگە تارتىلغان. 1806-يىلى روسىيىگە ماسلىشىپ لاگىسانى تالاشقان، كتور دېڭىز قولتۇقى بويلىرىنى ئىگىلىۋالغان. 1807-يىلى كتور دېڭىز قولتۇقى رايونى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. 1813-يىلى ئەنگلاىيە فلوتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا فرانسىيە كۈچلىرىنى كتور دېڭىز قولتۇقى رايونىدىن قوغلاپ چىقارغان. ۋېنا يىغىنىدا كتور دېڭىز قولتۇقى رايونى ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىدارىچلىقىغا بېرىلگەن. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل گۇرۇھلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. 1819 - 1821 - ىللىرى ۋە 1828 - 1829 - يىللىرىغىچە ئىككى قېتىم تۈكرىيىنىڭ تاجاۋۇزىنى چىكىندۈرگەن. ئۆلگەندىن كېيىن <ئۇلۇغ مۇقەددەس ۋلادىكا> (ھۆكۈمرانىنىڭ نامى) دەپ ھۆرمەتلەنگەن.