Uyghur←Chinese主要词典
پسىخولوگىيىلىك تەقلىد
پسىخولوگىيە
心理模似
xīn lǐ mó sì
«ئادەم مېڭىسىنىڭ تەقلىدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ پائالىيىتىگە ئاساسلىنىپ ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى لايىھىلەش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات. ئادەم مېڭسىگە تەقلىد قىلىنغان ئاپتوماتىك ماشىنىلارنىڭ ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش، چىقىرىش سىستېمىسى، تىزگىنلەش سىستېمىسى (قايتما تەسىرنىڭ)فىدباكنىڭ( ئۆتكۈزۈلۈشى، تورسىمان قۇرۇلما قاتارلىقلار جەھەتتە) مەلۇم دەرىجىدە ئادەم مېڭىسىگە ئوخشايدۇ. ئادەم مېڭسىگە تەقلىد قىلىش ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى كەشىپ قىلىش ۋە ئۇلارنى بارغانسېرى ياخشىلاش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەمدە ئادەم مېڭىسىنىڭ فونكسىيىسىنى چۈشىنىشنىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئەڭ بالدۇر ياسالغان ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىگە تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن ئىدى. كېيىن نۇرغۇن ئاپتوماتىك ماشىنىلار كەشىپ قىلىنىدى. مەسىلەن : ئالىي ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى ھېسابلاش ماشىنىلىرى، خەتنى تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمە ماشىنىلىرى قاتارلىقلار ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى جەريانىدىن رىغبەتلىنىپ ئىشلەنگەن. لېكىن ئاپتوماتىك ماشىنىلار ھەر قانچە قالتىس ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئادەم مېڭسىنىڭ پائاللىيىتى ئورنىنى تولۇق ئىگىلەپ ئالالمايدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ ئالىي دەرىجىدىكى مەھسۇلى بولغان ئاڭ ئاپتوماتىك ماشىنىلار قىلىشى مۇمكىن بولمىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك - ئاڭلىقلىق ۋە ئاكتىپلىققا ئىگە.