Uyghur←Chinese主要词典
پىششىق ئەستە قالدۇرۇش
پسىخولوگىيە
熟记
shú jì
ئۆگىنىدىغان ماتېرىيالنى ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا تەكرار ئۆگىنىپ، تولۇق، توغرا ئەستە قالغانغا قەدەر ئەستە قالدۇرۇش پىششىق ئەستە قالدۇرۇش بولىدۇ. ھەجىمى جىق، مەزمۇنى مۇرەككەپ ئەسەرلەرنى، مەسىلەن : شېئىردەك ئەسەرلەرنى ئەستە قالدۇرۇش پىششىق ئەستە قالدۇرۇشقا كىرىدۇ. پىششىق ئەستە قالدۇرۇشتىكى ۋەزىپە ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەستە قالدۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللار ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ، تەكرارلاپ ئۆگىنىشىنىڭ چاستوتسى ئاشقانسېرى، ئەستە ساقلاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئەستە ساقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ئۇسۇل تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.