Uyghur←Chinese主要词典
پىششىق ماھارەت
پسىخولوگىيە
熟练
shú liàn
قايتا - قايتا مەشىق قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، يۈكسەك دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن (كامال تاپقان) ۋە «ئاپتوماتلاشقان» ھەرىكەت شەكلى پىششىق ماھارەت ياكى ماھىرلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئۈزلۈكسىز مەشىق ئارقىلىق تولۇقلىنىش، مۇكەممەلىشىش، ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىش ۋە سىستېمىلىشىش ئارقىسىدا بەرپا بولغان بىر خىل ئومۇملاشقان، مۇرەككەپ، مۇقىم ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشلىرى سىستېمىسى يەنى دىنامىك ستېرېئوتىپنىڭ نەتىجىسى. پىششىق ماھارەت مەشغۇلات (ياكى ھەرىكەت) ماھارىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇرچى، ئۇ ھەرىكەت شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە سىستېمىلىشىشى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىجرا قىلغاندا ئاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ھەتتا دىققەتنى تەقسىملىگىلى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ باشقا پائالىيەتلەرنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. ئۇ، ماھارەتنىڭ قابىلىيەتكە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىي شەرتى. ئادەمنىڭ تۈرلۈك تېخنىكلىق قابىلىيەتلىرى مۇناسىپ ھالدىكى بىر مۇنچىلىغان ماھارەتلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە پىششىقلىنىشى ئاساسىدىلا شەكىللىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
熟练的技巧
shú liàn de jì qiǎo