Uyghur主要词典
پېشانە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈزىنىڭ قاشتىن چاچقۇچە بولغان ئارىلىقى.
پېشانەڭ تەلىسە، ئاغزىڭدا ئاش بولار. ئۇ نېمەڭنى چېكەڭگە تاڭ. ئۆز ماڭلاي تەرىدىن نان يېگەن كىشى، ھاتەم مننىتىدىن ئازاد ياز - قىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويۇلغان تارتىقۇلۇق.
ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا، تەغدىرنى ئۇجۇقتۇر، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. گەر كەلتۈرەر بولسا ساڭا خىجالەت، ھېچ نەرسە قالدۇرما، ئۆلۈم بىر قىسمەت. پەلەك باتۇرغا باقار. پەلەك ئاۋۋال كور قىلار ئەقىل كۆرزىنى، كېيىن جايلار ئارقىللارنىڭ ئۆزىنى. پەلەككە تەڭرىدەك ھۆكمىم ئۆتكۈزسەن، پەلەكنى قىلاتتىم دۇنيانى بەرھەم، يىڭىدىن شۇنداق بىر پەلەك تۈزەتتىم، ياخشىلار تىلەككە يېتەتتى شۇ دەل. ئۇ ئىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۆز پېشانەمدىن كۆرىمەن، خەلققە ئارتىمەن. چېكەڭگە چۈشسە چەكچەيمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يۈزىنىڭ قاشتىن چاچقىچە بولغان قىسمى؛ ماڭلاي.
كەڭ پېشانە. پېشانىسى كەڭ. پېشانىسى تار.
ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پېشانىسىنى يېرىۋالار (ماقال).
كۆچمە (خۇراپاتلىقتا) تەقدىر، قىسمەت.
پېشانىسى ئوڭ. پېشانىسى تەتۈر، شور پېشانە. ئۆز پېشانىسىدىن كۆرمەك.