Uyghur主要词典
پرۇسسىلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندا بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدا ۋىسلا دەرياسى بىلەن نومان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەر توپى بولۇپ، ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ بالتىق دېڭىزى تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتە لىتۋالىقلارغا يېقىنلىشىدۇ. مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئۇنىڭ ئىتپىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى يىمىرىلىشكە باشلىغان. كېيىن قوشنا بولغان پولشا كىنەزلىكى، بولۇپمۇ مازوۋىيە كىنەزلىكى بىلەن دائىم توقۇنۇشپ تۇرغان. 1226-يىلى مازوۋىيە كىنەزى كونراد Ⅱ تيوتون رىتسارلىرى پولكىنى چاقىرىپ كېلىپ، پرۇسسىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخرىىدا، تيوتون رىتسارلىرى پولكى ئۇنى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئۇ يەردە (شەرقىي پرۇسسىيىدە) مۇستەقىل رىتسارلار پولكى دۆلىتىنى قۇرغان.