Uyghur主要词典
پېرتى پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، سۇماتېرادىكى شافىئىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان ئۆلىمالارنىڭ تەشكىلاتى - <ئىسلام تەربىيىسى جەمئىيىتى> نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلشىى. بۇ تەشكىلات 1930 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلد. مەقسىتى: ئىسلام تەربىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات كالىنمانتان، سۇلاۋېسى ۋە جاۋا قاتارلىق جايلارغا تەدرىجىي كېڭەيدى. 1942 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندونېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، پېرتى پارتىيىسى دەپ ئاتالدى. 1955 - يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنتتا ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىسلام گۇرۇھىدىكى كىچىكرەك سىياسىي پارتىيە بولدى. 1973 - يىلى باشقا پارتىيىلەر بىلەن <گۈللەندۈرۈش - ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى> بولۇپ بىرلەشتى. ھازىر <ئىسلام چىن ھەقىقەت جەمئىيىتى> دەپ ئاتىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلىدۇ.