Uyghur←Chinese主要词典
پېرېننى
دۇنيا تارىخى
皮郎
pí láng
(1862 - 1935) بېلگىيە تارىخشۇناسى. لېيژ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان. 1886 - 1930 - يىللىرى گېنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىگە قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. ئىككى يىل تۈرمىگە قامالغان. ئاساسەن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، قەدىمكى يۇنان - رىم دەۋرىدىن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئۆتكەن دېگەن ئالاھىدە كۆز قاراشنى ياراتقان. <خەلقئارا ئىلمىي جەمئىيەت> نىڭ تۇنجى رەئىسى (1920 - 1923) بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <بېلگىيە تارىخى>، <نېدېرلاندىيە قەدىمكى زامان دېموكراتىيىسى>، <ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە سودىنىڭ گۈللىنىشى> قاتارلىقلار بار.