Uyghur←Chinese主要词典
پرېم چاند
دۇنيا تارىخى
普列姆昌德
pǔ liè mǔ chāng dé
(1880 - 1936) ئەسلى ئىسمى دانپات راي سرىۋاستانا بولۇپ، ھىندىستاننىڭ رېئالىزمچى يازغۇچىسى، ھىندى تىلىدىكى رومانلارنىڭ پېشىۋاسى. ۋارناسى (بىنالېس) شەھىرىنىڭ يېزا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىكىدىن تارتىپلا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش بىلەن پىششىق تونۇشقان. ئوقۇتقۇچى بولغان، گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكدارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. دەسلەپ ئوردو تىلىدىكى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن ھىندى تىلىدا يېزىشقا كىرىشكەن. 1916-يىلى ئۇ <ئەقىل - پاراسەت ئىلاھى> ناملىق ژۇرنالدا <5 چوڭ ئىلاھ> نى ئېلان قىلىپ، ھىندى تىلىدىكى ئەدەبىيات ئايلىق ژۇرنىلى <ئاققۇ> ۋە ھەپتىلىك ژۇرنال <ئويغىنىش> نى تەسىسق قىلغان ھەمدە نەشرىيات قۇرۇپ، زور تۈركۈم ياش يازغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. 1936-يىلى ھىندىستان ئىلغار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئۆمرىدە 12 رومان، 250 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ۋە سەھنە ئەسىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ھىندىستاننىڭ <رومان پادىشاھى> ۋە <ھېكايە پادىشاھى> دەپ ئاتالغان. ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەمىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە فېئوداللىق ئېزىشكە قارشى تۇرۇش، تائىپە تۈزۈمى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى خىلمۇخىل زىددىيەتلەرنى پاش قىلغان، ھىندىستان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئەمما بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىش ئىدىيىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن <مېھىرىبانلىق يولى>، <سەھنە>، <گېدەن> قاتارلىق رومانلار ۋە ھېكايىسىدىن <كىپەن> قاتارلىق بار.