Uyghur主要词典
پېرىي
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1920) ئامرىكىدىن شىمالىي قۇتۇپقا بارغان ئېكسپېدىتسىيىچى. پېنسلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1877-يىلى پودويىن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1881-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدە قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بولغان.1884 - 1885 - يىللىرى نىكاراگوئا قانىلىنى ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1886 - 1892 - يىللىرى گرېنلاند دېڭىز تەۋەسىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. ئىنگېرفىرېد دېڭىز قولتۇقىدا تەتقىقات بازىسى قۇرغان. گرېنلاندنىڭ بىر چوڭ ئارال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. 1893 - يىلىدىن باشلاپ شىمالىي قۇتپنى ئىزدەپ بىرنەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئاخىرى 1909-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلېسمېر ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى كولۇمبىيە تۇمشۇقىدىن يولغا چىقىپ، چانىغا ئولتۇرۇپ شىمالىي قۇتپنى ئىزدىگەن ھەمدە شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (ئېيتىشلارغا قارىغاندا ف. ئا. كوك 1908-يىلى بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان) شىمالىي قۇتۇپقا بارغان، 1911-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدە گېنېرال مايورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئەسەرلىرىدىن <قار - مۇزلۇقلار ئۈستىدىكى سەپەر>، <شىمالىي قۇتۇپ> قاتارلىقلار بار.