Uyghur主要词典
پرگىرسۋ پارتىيە
دۇنيا تارىخى
(1)گىرمانىيە لىبرال بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى. 1861-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسىي يادورسى پرۇسسىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى. ئاساسلىق يولباشچىلىرى: ۋالدېك (1803 - 1870)، شۇلىتسې دېلىچ (8180 - 1883) ۋە ۋىرخوۋ (1821 - 1902) قاتارلىقلار. ئۇلار پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، گېرمانىيە فېدراتسىيىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى، پۈتۈن گېرمانىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان لىبېراللار كابىنېتىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 1861-يىلى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىگە بايقۇت قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرگە ئايلانغان. 1866-يىلى 10-ئايدا ئۆز ئىچىدە بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى مىلىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، بىسماركنىڭ گېرمانىيىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللىغان، ئۇنىڭ سول قانىتى 1871-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتتىن قورقۇپ، دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1884-يىلى مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان سول قانات ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە لىبېرال مۇتەپەككۇرلار پارتىيىسىنى قۇرغان. (2) روسىيە بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1912-يىلى 11-ئايدا <تىنچ گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى> بىلەن <دېموكراتىك ئىسلاھات پارتىيىسى> ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل قىلىغان. ئۇنىڭ كاتتىباشلىرى چوڭ كاپىتالىست كونوۋالوۋ، رىيابوشنىسكى قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. ئۇ <ئۆكتەبرچىلەر> بىلەن كادىتلار پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، بارلىق كۈچى بىلەن ئىككى پارتىيىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بۇردۇئا پارتىيىسىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت دوماسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان <مەسئۇل كابىنېت> قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1915-يىل <ئىلگىرىلەش ئىتتىپاقى> غا قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى سىياسىي كۆز قاراش ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنپ چىققان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، باشقا ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيىلە بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ھاكمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەشكىلاتچىسىغا ئايلانغان.