Uyghur←Chinese主要词典
پىرائېۋىس قورشاۋى
دۇنيا تارىخى
比雷埃夫斯封锁
bǐ léi āi fū sī fēng suǒ
1850-يىلى يانۋاردا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گرېتسىيە پورتى پىرائېۋىسنى قامال قىلىش ۋەقەسى. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىدا، ئەنگلىيىگە قارام بولغان ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرى (بولۇپمۇ كېفالىنىيە ئارىلى) دا مىللىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، گرېتسىيىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گرېتسىيىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك كۈرىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 1850-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىنى ئەۋەتىپ، پىرائېۋىسنى قامال قىلىپ، گرېتسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، گرېتسىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.