Uyghur主要词典
پرامبانان
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دىنىي خارابە. ھازىرقى رىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مىلادىن Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مادالەن پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى پىكادەن ياساتقانىكەن. ئۇ 8 بۇتخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسى بىر چوڭ ئۇل پەشتاقنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان، ئوتتۇرىسىدىكى زور سىۋا ئىلاھ ئىبادەتخانىسى (ئۇزۇنلۇقى 34 مېتىر، كەڭلىكى 34 مېتىر، ئېگىزلىكى 47 مېتىر)، ئۇنىڭ يېنىدىكىسى ۋىسنۇ ئىلاھ ئىبادەتخانىسى ۋە براخمان ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇلاردىكى ھىندى دىن ئويمىلىرىدا جىددىي جەڭ كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن، بۇ رەسىملەر جانلىق ۋە تىياتىر خاراكتېرىگە باي بولۇپ، شەخسلەرنىڭ قىياپىتى گۈزەل ۋە جانلىق بولغان. نەققاشلىق سەنئىتىدە ھىندىستاننىڭ كلاسسىك سەنئەت بولغان. نەققاشلىق سەنئىتىدە ھىندىستاننىڭ كلاسسىك سەنئەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان ھەمدە يەرلىك مىللىي شەكىل سىڭدۈرۈلۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. سىۋا ئىلاھ ئىبادەتخانىسىدىكى قاپارتما نەقىشلەر <رامايانا> چۆچىكىدىن سۇژىت ئالغان بولۇپ، تېخىمۇ مەشھۇردۇر.