Uyghur主要词典
پوتەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇنقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، 500 مېتىرچە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى 8639 يول كېلىدۇ. ئەقىلدىن ئازغاندىن ئىككى چاقىرىم قاچ. ئات ھارۋىسى كۈنىگە ئاران 40 - 30 پوتەي يول يۈرىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پوتەي - شىنجاڭدا يول مۇساپىسىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق (مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى. كونىلارنىڭ <مانچە پوتەي يول يۈردەم> دېگىنى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان.
پوتەي قەدىمكى تۇرلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. تارىختا ئۆتكەن ھەر قايسى ھاكىمىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئاساسلىق يوللارنى بويلاپ پوتەي (تۇر) لارنى ياساتقان. ئەينى چاغلاردا مۇشۇ پوتەيلەرگە ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان. بەزى پوتەيلەردە ئۆتەڭ، سارايلار تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس كۈتكۈچى خادىملار تەيىنلەنگەن. ئۇلار پوچتا خادىملىرى، پوچتا ھارۋىلىرى، يولۇچى، سەيياھ، سودىگەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. كۈندۈزلىرى ئىس قويۇش (بۆرە مايىقىدا) ئارقىلىق يەنە بىر پوتەيگە ياكى قۇرغان، شەھەرلەرگە بەلگە بېرىلگەن. بىراق يەر شەكلى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پوتەيلەرنىڭ ئارىلىقى ئوخشاش بولمايتتى. ئادەتتە بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولۇپ، يەنە مەلۇم بىر رايوندىكى پوتەيلەرنىڭ كونكرېت ئارىلىقى بەلگىلەنگەن.
<تارىخىي ئەمىنىيە> دىكى <پوتەي> گە بېرىلگەن ئىزاھتا بىر پوتەي تۆت كىلومېترغا باراۋەر دېيىلگەن. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بىر پوتەي 10 چاقىرىمغا، يەنى بەش كىلومېترغا تەڭ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس ئۇرۇشتا قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قارشى تەرەپكە ئوق چىقىرىش مەقسىتىدە ياسالغان مۇنار شەكىلدىكى قۇرۇلۇش.
مىق. ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى؛ بىر پوتەي ئون چاقىرىمغا تەڭ، يەنى بەش كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ.